باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ تىنچلىق سۆھبىتىنى بۇزدى دېگەن ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى

2016.02.06 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4 -فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ تىنچلىق سۆھبىتىنى بۇزدى دېگەن ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىپ قوللىشى بىلەن، يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن ئۇرۇش سەپلىرىدە ھەربىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەلەپ ئۆلكىسىدىكى ھەربىي غەلىبىسىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق سۇرىيە پۇقراسى ئۇزۇن مەزگىللىك قامالدىن قۇتۇلدى.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى، ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەيىبلىشى ئۇلارنىڭ سۇرىيە ئاممىسىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈمىز دېگىنىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىرتقى تەسىر كۈچ ۋە ئۆكتىچى قوراللىقلار سىياسىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، سۇرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتىن قاچماقتا.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەنىڭ ئىچكى سۆزلىشىشى، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا قەتئىي ۋە كەسكىن پوزىتسىيە تۇتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر