- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېلىقىز ئابدۇللا مۇھىت ئىشچىلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى
2016.02.06 12:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) تازىلىق ئىشچىلىرى-ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ ياردەم بېرىشى، تەشۋىقات سالمىقىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇشى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن قوللىشى ئارقىسىدا جەمئىيەتتە تېگىشلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئاۋات ناھىيەسىدە بىر نەچچە كۈن ئۇدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، «گۈزەللىك ئەلچىلىرى» دەپ ئاتالغان تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى جاپالىق مۇھىتتا تەرلەپ-پىشىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىپ قويغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئاۋات ناھىيەسىدىكى «چىندىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى» دۇكىنىنىڭ غوجايىنى بېلىقىز ئابدۇللا ئۇلارغا ئىسسىق ساقلايدىغان بەللىك، پېتەك، دورىلىق چاپلاق قاتارلىقلاردىن بولۇپ 10000 (ئونمىڭ) يۈەن قىممىتىدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقىنى يەتكۈزدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر