باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشقا دەۋەت قىلدى

2016.02.06 12:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى 4-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسرائىلىيەتنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

  باياناتتا، پەلەستىن تەرەپنىڭ يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى كېسىم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەملىكە ئولتۇراقلىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئېيتىلدى. باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قارار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا يەھۇدىي ئولتۇراق نۇقتىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

  فرانسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس 29-يانۋار، ئەگەر كەلگۈسى نەچچە ھەپتىدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە قاتمال ھالىتىنى بۇزۇشتىكى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىز بولسا، فرانسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئەمدىكى نەچچە ھەپتىدە فرانسىيەنىڭ بىر قېتىملىق پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى قاتناشقان خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىغا تەييارلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىش مەسىلىسىدە، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى باياناتتا، ئىلگىرى قاھىرە ۋە دوھادا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتناشقان مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە يول ھازىرلاش ئۈچۈن، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ) بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ مېخانزم مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالىشى ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  فاتاخ ۋە خاماس ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى 7-فېۋرال دوھادا تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى، نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئاكتىپ ھالەتنى ئىپادىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەلەستىن ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىش مۇساپىسى بەزىدە ئۈزۈلۈپ بەزىدە داۋاملاشقان بولسىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان ئىدى. 2014-يىل 4-ئايدا فاتاخ ۋە خاماس بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شۇ يىلى 6-ئايدا قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى. بىراق ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا «تىغ قوغداش ھەرىكىتى» ناملىق زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ ئىككى چوڭ مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى، بۇنىڭغا قوشۇپ خاماس بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى كېلىشىم بويىچە غەززەدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق خاماس مەمۇرلىرىنىڭ مائاشىنى تۆلىمىدى، دەپ ئەيىبلىدى، پەلەستىن ئىچكى قىسمىنىڭ يارىشىش مۇساپىسى ئامالسىز توختاپ قالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر