باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز كەسپىي سالاھىيەتنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئاساسەن تاماملىدى

2016.02.09 12:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «بىر تۈركۈم كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ۋە ئېتىراپ قىلىش تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتكە 61 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ئېتىراپ قىلىش تۈرىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كەسپىي سالاھىيەتنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئاساسەن تاماملاندى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مىنىستىرلىقىمىز ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئەخلاق، ئىقتىدار، نەتىجە باشلامچى قىلىنغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.

  تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم جايلار، تارماقلار، كەسىپلەر ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەت 2000 خىلدىن ئاشىدىكەن، كەسپىي سالاھىيەت تۈرلىرى كۆپ بولۇش، ئارىلىشىپ كېتىش، تەكرارلىنىپ قېلىش ھادىسىسى ئېغىر، كىنىشكا كۆپ، كەلسە كەلمەس ئىمتىھان ئېلىش مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئىكەن. بىر قىسىم كەسپىي سالاھىيەتلەرنىڭ دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، تەربىيەلەشكە ۋە باھالاشقا قاتناشقانلار ھەق تۆلەپ ئېرىشكەن گۇۋاھنامىلارنىڭ رولى بولماسلىق سەۋەبلىك، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇپ كەتكەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ئېتىراپ قىلىشنى ئازايتىش بارلىق كەسپىي سالاھىيەتلەرنى بىكار قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولماستىن، بەلكى تۈزۈمنى تېخىمۇ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر دۆلەت كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاشتا ئاساسلىقى ئۇنۋان باھالاش ۋە كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر