باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق بۇ يىل تۆت قېتىم توردا تەكلىپ قىلىش ھەپتىلىكى ئۆتكۈزىدۇ

2016.02.09 12:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا 2016-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تور ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش، ئەتىياز، ياز، كۈز، ئەتىيازدا بىر قېتىمدىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توردا رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدىكەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىدىكەن. تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، توردىكى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى قوغداپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىدىكەن. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەمىنات-تەلەپ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇچۇر بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر