باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىنتېرنېت دەۋرى بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

2016.02.06 12:51   مەنبە: خەلق تورى

ئىنتېرنېت دەۋرى بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

  ئىنتېرنېت دەۋرى بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت سەھنىسىگە يەنە بىر يېڭى تېخنىكىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ پارتلاپ چىققان ئۇچۇر ئىلىمى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بىلىم مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. ئىنتېرنېت دەۋرىدىن ئىبارەت يېڭى بىر دەۋر باش كۆتۈرۈپ پارلاق نۇر چاچتى.

  بىز ماددىنى ئاساس قىلىدىغان جەمئىيەتتىن ئالتۇننى ئاساس قىلىدىغان جەمئىيەتكە، ئۇنىڭدىن ئېنېرگىيەنى ئاساس قىلىدىغان جەمئىيەتكە، ئاندىن ئۇچۇرنى ئاساس قىلىدىغان جەمئىيەتكە كىرىپ كەلدۇق.

  ئىنتېرنېت تورى ئىنسانلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن 40-50 يىلدا ياراتقان ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، دۇنيادا ئۇچۇر تورى مەيدانغا كەلگەن 1991-يىلى پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېت بىلەن تورلاشقان كومپىيوتېرنىڭ سانى 200 مىڭ دانە ئىدى. 25 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن يەر شارىدىكى 7 مىليارد ئاھالىدىن 3 مىليارد 600 مىڭ ئادەم تور ئەھلىگە ئايلاندى. ئىنسانلار مۇشۇنىڭغا تايىنىپ باي بولۇشقا باشلىدى. بىر مىكرو بىلوگنىڭ بىر كۈندە يوللىغان ئۇچۇرى نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 60 يىللىق جاپالىق خىزمىتىنىڭ سانلىق مىقدارىدىن ھالقىپ كەتتى. يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تور بېكىتىنىڭ بىر كۈندە تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشىنى ئۇلاپ كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە 98 يىلدا كۆرۈپ بولىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى كۈندە جۇغلانغان ئۇچۇرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل تارىخ داۋامىدا ئەستە قالدۇرغان بارلىق خەزىنىسىدىن ئېشىپ كەتتى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا بولغان ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان ئۇچۇرلار بۈگۈنكى ئىنسانلار بىر كۈندە بەرپا قىلغان سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ 1000دىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بەش يىلدىن كېيىن بەرپا بولغان سانلىق ئۇچۇرلار ھازىرقىنىڭ 44 ھەسسىسىدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  ئۇچۇر تېخنىكىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يەر شارىنىڭ ئىلگىرىلەش جەريانىدىكى تۈرلۈك ئالاقىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. ئۇچۇر ئۆز دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل يەر شارىدا ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ماددا، ماددا بىلەن ماددا ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تەننەرخسىز ئايلىنىپ يۈرۈپ، كىشىلەرنى بايلىق، تۇرمۇش، ئىجاد قىلىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن پەرەز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ. ھامان بىر كۈنى بارلىق كىشىلەر، بارلىق قىلمىش، بارلىق ئاۋاز، تەبىئىي ۋاقىتتىكى بارلىق ئۆزگىرىش ۋە كۆرەشلەر چوقۇم سېغىرلاشتۇرۇپ خاتىرىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە كەلگۈسىنى تىزگىنلەشتىكى ئاساسقا ئايلىنىدۇ.

  ئىنتېرنېت ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىمىزغا يول باشلايدىغان «ماياك»قا ئايلاندى.

  مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2014-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيى»غا ئاتاپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئون سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بەش قىتئەدە 14دۆلەتتىكى خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، دۆلەت ھالقىغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات ئورنىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئالىم، مۇتەخەسسىس ۋە كەسپىي خادىملارنى زىيارەت قىلىپ، 30 مىڭ سائەت سۈرەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئون قىسىمغا يىغىنچاقلاپ، «ئىنتېرنېت دەۋرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن ئىدى، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىدى. «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ئىنتېرنېت دەۋرىگە ئايلىنىش ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كۈچلۈك ئىستىكىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئون قىسىملىق بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچىغا سۈپەتلىك تەرجىمە قىلدى. 3-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىىسلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر قىممەتلىك سوۋغىسى «ئىنتېرنېت دەۋرى» ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلدى ھەم ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى زوق-شوخ بىلەن كۆردى.

  جۇڭگو ئىنتېرنېت جەمئىيىتىنىڭ سابىق كېڭەش باشلىقى خۇچىخېڭ فىلىمغا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، دۇنياۋى نەزەر دائىرە بىلەن بىر جۇڭگولۇق كىشىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر جۈپ ھەققانىي كۆز بىلەن بۇ ئەمەلىيەتلەرگە نەزەر سالغان، شۇنداقلا ئۇ يەنە ئەڭ مۇرەككەپ، تېخنىكىلىق مەسىلىنى، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ چۈشۈنەلەيدىغان تىل بىلەن ئىپادىلىگەن، شۇڭا ئۇ ئەڭ ياخشى پەننى ئومۇملاشتۇرالايدىغان فىلىم بولالايدۇ».

  «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئۆمەر فىلىمنى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇددىئاسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم 2014-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغاندىن كېيىن مەملىكىتىمىزدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىدى. لېكىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ فىلىم توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر بولۇنمىدى. مېنىڭچە، بۇ فىلىمنى يېڭى دەۋىرگە يۈزلىنىۋاتقان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى دېيىشكە بولىدۇ. 500 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ھەممە سۇئالغا جاۋاب بېرەلمىسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنى جاۋابتىنمۇ مۇھىم بولغان تەپەككۇرغا باشلاپ كېرىپ، جەمئىيىتىمىز ئىنتايىن ئىھتىياجلىق بولۇۋاتقان تور بىلىملىرى بىلەن تەمىنلىيەيدۇ. شۇڭا بۇ فىلىم بىزدەك ئېلېكتىرون تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈنلا ياخشى فىلىم بولۇپ قالماي، خەلقىمىزگىمۇ ياخشى بىر دەرىسلىك بولۇپ قالغۇسى، دەپ ئويلاپ داڭلىق تەرجىمان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپقا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرۇپ خەلقىمىزگە سۇندۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان بۇ فىلىمنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچى. كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاڭلايدىغان ياغاچ ئات، ئۇچار گىلەملەرنى بىر تەسەۋۋۇر، ئەپسانە رىۋايەت دەپ ئويلايتتۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى رېئاللىققا ئايلاندى. ئىنتېرنېت دۇنيانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باي بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك «پىشاڭ»ى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  «ئىنتېرنېت دەۋرى» دېگەن بۇ فىلىم تەپەككۇرنى ئاچىدىغان ھەم قوزغايدىغان فىلىم بولۇپ، «بىلىكى توم بىرنى يېڭەر، ئەقلى توم مىڭنى»دېگەندەك ھازىر ئەقىل بىلەن ياشىغانلار دۇنيانىڭ خۇجىسى بولدى. بىلگايتىس تور ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدىكى «باي»لىق ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. مايۈنمۇ توردىكى پۇرسەتنى بالدۇر بايقاپ، دۇنياغا داڭلىق كارخانىچى بولدى. بىزنىڭمۇ نۇرغۇن ياشلىرىمىز تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەقلى، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتىدۇ. لېكىن خەلقىمىز ئىچىدە تور دۇنياسىنى چۈشۈنىدىغانلار يەنە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تۈرگۈن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك ئىپادىلىنىپ، سانائەت ئىنقىلابىدىن باشلىنىپتۇ. بىزنىڭ مەملىكىتىمىز ھازىر ئىنتېرنېت pulas (ئىنتېرنېت +) دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ ئىنتېرنېتقا كونا كەسىپلىرىمىزنى قېتىپ بىر يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. «ئىنتېرنېت دەۋرى»دە ئىنسانلارنى ئۈچ خىل ئەۋلادلارغا بۆلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئىنتېرنېت بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەۋلادلار، ئىككىنچىسى ئىنتېرنېتقا كۆچۈپ كىرگەنلەر، ئۈچىنچىسى ئىنتېرنېتنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقانلار. بۇ ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ بىز قايسى تۈردىكىسىگە تەۋە؟ مۇشۇ جەمئىيەتكە قانداق ماسلىشىشىمىز كېرەك؟ دېگەنلەر بىزنىڭ ئويلىشىشىمىزغا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتېرنېت بىر پۇرسەت. ياشلار «ئىنتېرنېت دەۋرى»نى ئوبدان چۈشىنىپ، ئىنتېرنېتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىگىلىك ياراتسا، خەلقىمىزمۇ توردىن پايدىلىنالايدىغان بولغاندىلا، ئاندىن بۇ دەۋىرگە ماسلىشىپ ياشىيالايمىز. ئەگەر ماسلىشالمىساق، ئۇ چاغدا بىز دۇنيانىڭ سىرتىدا قالىمىز. شۇڭا ئىنتېرنېتنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت تورى بىلەن يېتىلىش سۈرئىتى تېزلىكتە ئېشىۋاتقان تور جىنايىتىدىن يىراق تۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك.

  ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەتجان مۇھەممەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمدا ئىپادىلەنگىنى بىزدەك كەسىپ ئىگىلىرى ۋە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭلا بىلىمى بولماستىن، ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بىلىشىگە تېگىشلىك مەزمۇنلار ئىكەن. فىلىم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن باشلانغان بولۇپ، فىلىمدە ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن تارتىپ، ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى، يانفونلارغا كۆچۈشى قاتارلىقلار ناھايىتى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، مېنىڭچە بۇ ئون قىسىم پىلاستىنكىنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى توردىن قانداق پايدىلىنىشنى، باشقىلارنىڭ ئۇچۇردىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.

  «ئىنتېرنېت دەۋرى» ناملىق ئون قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «دەۋىر»، «دولقۇن»، «ئېنېرگىيە»، «قايتا قۇرۇش»، «قەد كۆتۈرۈش»، «كۆچۈش»، «كونترول قىلىش»، «تەشۋىش»، «دۇنيا»، «يىراققا نەزەر» قاتارلىق ئون مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسىدىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيانى چۈشىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى