باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكىتىدە ئىشەنچىلىك قۇلۇپ ئېچىش تېخنىكا ئىشچىسىنى تەكشۈرەلەيسىز

2016.02.06 12:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. نام-ئىسىملار خاتىرە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن قۇلۇپ ئېچىش شىركىتى ۋە تېخنىك ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق تاللانغان، شەھەر ئاھالىسىنىڭ قۇلۇپ ئېچىشغا توغرا كەلسە، تورغا چىقىپ يېقىن ئەتراپتا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن قۇلۇپ ئېچىش شىركىتىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇلۇپ ئېچىش كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلگەن تىجارەت ئورۇنلىرى جەمئىي 143، قۇلۇپ ئېچىش تېخنىكا ئىشچىسى جەمئىي 305 نەپەر.

  ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇلۇپ ئېچىش تىجارەت ئورۇنلىرى ۋە قۇلۇپ ئېچىش تېخنىكا ئىشچىلىرىغا قۇلۇپ ئېچىش كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسىنى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكىتى خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت سۇپىسىدا قۇلۇپ ئېچىش تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ نامى، تىجارەت ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، قۇلۇپ ئېچىش تېخنىك ئىشچىلار ئىسىم – فامىلىسى، فوتو سۈرەت، رەت نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى تورغا چىقىپ تەكشۈرۈپ، ئەتراپتىكى قۇلۇپ ئېچىش تىجارەت ئورۇنلىرىنى تاللىسا، تېخنىك ئىشچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر