باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى 15نامرات ئانا قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشتى

2016.02.06 12:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىدىكى سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان 15نامرات ئانا مەركەزنىڭ «ئىككى خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات ئانىلارنى مەخسۇس قۇتقۇزۇش» جامائەت فوندى قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشتى.

  يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىدە «ئىككى خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات ئانىلارنى قۇتقۇزۇش» مەخسۇس تۈرىدىكى جامائەت لاتارىيە پاراۋانلىق فوندىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ 15نامرات ئانىنىڭ ھەر بىرىگە 10مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش مەبلىغى تارقىتىپ بېرىلدى.

  ئوقۇشىمىزچە، «ئىككى خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات ئانىلارنى قۇتقۇزۇش» مەخسۇس فوندى-مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەركەزنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئاياللىرى تەرەققىيات فوندى يىغىنى سەھنىسى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى كۈچ، مەبلەغ توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يېزىدىكى ئىككى خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات ئانىلار ئۈچۈن تەسىس قىلغان مەخسۇس تۈر بولۇپ، بۇ تۈر ئارقىلىق ھەر قايسى جايلاردىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاياللار تاللاپ چېقىلىپ، ھەر بىرىگە بىر قېتىمدىلا 10مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىشتىكى ئىقتىسادىي بېسىمى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر