باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تېررورلۇقىغاا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.02.06 12:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومېسسارى، ج خ مىنىستىرىلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن 5-فېۋرال بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سىسويېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  گو شېڭكۈن سىسويېۋنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىللە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرۈدۇ.

  سىسويېۋ جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم ئەزا دۆلەتلەر ئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر