باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاۋروف: رۇسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقى ئادىل يەرشارى باشقۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق

2016.02.06 11:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف يېقىندا ئىتالىيەدىكى بىر ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرىپلەپ: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئادىل، مۇقىم بولغان يەرشارى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق دەپ كۆرسەتتى. لاۋروف مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلغان. ناۋادا باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش بولسا، مۇقىم ۋە ئادىل بولغان يەرشارى باشقۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولغان بولاتتى. لاۋروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو قاناتيايدۇرغان سىياسىي سۆزلىشىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ماھىيىتى بار. بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو يېقىن قوشنىلار، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر