باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: تۈركىيەنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساسىمىز بار

2016.02.06 11:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باياناتچى كوناشكوۋ رۇسىيە ئىگىلىگەن ئاخباراتلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا تۈركىيە-سۇرىيە چېگراسىدىكى قاتناش ئەسلىھەلىرىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا دىققەت قىلدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى بايقىدى، تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساسىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە تۈركىيەنىڭ توپ زەمبىرەكلەر بىلەن سۇرىيەنىڭ لاتاقىيە ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى مەھەللىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرسەتتى.

  كوناشكوۋ مۇنداق دېدى: تۈركىيە يەنە تۈركىيە-سۇرىيە چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ ئۆلكىسى، ئىدلىب ئۆلكىسىدىكى تېررورچىلارغا كېچىلەپ قورال-ياراق يەتكۈزۈپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر