- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت نىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىمى زوراۋانلىق جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى
2016.02.06 11:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى يەنە كۆرۈلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسمەن ئەسكەرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى دېدى.
خاك مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقنى ساقلاش ئۆمىكى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بەنجالى شەھىرىدە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان يەتتەيلەننى بايقىدى. جىنسىي پاراكەندىچىلىككە چېتىشلىق ئەسكەرلەر كونگو(بىراززاۋىل) ۋە كونگو (كېنىشاسا)دىن ئىكەن.
خاك مۇنداق دېدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كېيىن ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن دېكابىرغىچە بەنجالىغا ئەۋەتىلگەن كونگو (بىراززاۋىل)لىق 120 ئەسكەرنى قايتۇرۇپ كېتىمىز، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى لاگېر ئىچىدە چەكلەندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر