باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد دوكلاتىدا: ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق ئەسلىگە كەلمەكتە دېيىلدى

2016.02.06 11:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان قىشلىق ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق ئەسلىگە كەلمەكتە، ياۋرو رايونىدا 2016- ۋە 2017-يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۆتكەن يىلدىكىدىن بىر ئاز تېز بولىدۇ، لېكىن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇش، يەرشارى سودىسى كاساتلىشىش، قىسمەن رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي بولۇش قاتارلىق سىرتقى خېيىم-خەتەرلەرنىڭ كۈچىيىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋرو رايونىنىڭ 2016-يىللىق ئېشىش مۆلچىرى 2015-يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان 1.8 پىرسەنتتىن بىر ئاز چۈشكەن، 2017-يىلىدىكى ئېشىش مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىشنىڭ تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىستېمال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق مۇقىم ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر