باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاممىغا 200دانە تېلېۋىزور ياردەم قىلدى

2016.02.05 15:52   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاممىغا 200دانە تېلېۋىزور ياردەم قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى) شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەم يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيەسى 47-تۈەنىدىن 2-تۈركۈمدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قويچى يېزا چاڭگو كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل»خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كەنت قورۇسىدا دېھقانلارغا تېلېۋىزور تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خې چىڭگاڭ، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىيۇشىڭجىيەن قاتارلىق ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى. مۇراسىمدا خې چىڭگاڭ سۆز قىلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەم يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيەسى 47-تۈەنىدىن قوچى يېزا چاڭگۇ كەنتىسىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپا خادىملىرىنىڭ كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، ئۇلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاپ بۇ كەنتىدىكى ئاممىنى ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىغا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بىڭتۈەن رەھبەرلىكىنىڭ 200مىڭ يۈەن ياردىمى بىلەن سېتىۋېلىنغان 26دىيۇملۇق 200دانە نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزورنى 200دېھقان ئائىلىسىگە تەقدىم قىلدى، دېھقان-چارۋىچىلاردىن تېلېۋىزورنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرۈشنى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئەھمىيەت بېرىپ گۈزەل ماكان قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلدى. دېھقانلار بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى.

  چاڭگۇ كەنتىدە 460ئائىلە، 2030ئاھالە بار ئىدى. چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەش ئارقىلىق، 400ئائىلىلىكنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ،بۇلتۇر 8-ئايدا 200مىڭ يۈەنگە 200دانە نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزور سېتىۋېلىپ 200ئائىلىگە تەقدىم قىلغانىدى. ئىككى قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق، بۇ كەنتىدىكى 400ئائىلىلىككە بىردانىدىن تېلېۋىزور سەپلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش قىيىنچىلىقىنى تۈپتىن ھەل قىلدى. قالغان 60ئائىلىلىكنىڭ تېلېۋىزورىنى تەكشۈرۈپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، بۇ كەنتىدىكى دېھقانلارغا زور مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى