خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى): 5-فېۋرال كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرى ھال سوراش بۇيۇمىنى ئېلىپ، دوختۇرخانىدا ۋە ئائىلىسىدە داۋالىنىۋاتقان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى.
سۈرەتتە: مەكتەپ مەسئۇللىرى ئائىلىسىدە داۋالىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ئىگىللىمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى