باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئاممىنى ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادقا نىسبەتەن كەڭ قورساق پوزىتسىيەدە بولۇشقا دەۋەت قىلدى

2016.02.05 12:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما 3-فېۋرال دۆلەت ئىچىدە پەيدا بولغان مۇسۇلمان ئاممىسىغا قارىتىلغان ئاداۋەتلىك سۆزلەرنى ئەيىپلىگەن ھەمدە ئاممىنى ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادقا قارىتا كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولۇشقا دەۋەت قىلغان.

  ئوباما شۇ كۈنى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى ئىچىدە تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى بىر مەسچىدنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئۇ«11-سېنتەبىر ۋەقەسى، بولۇپمۇ يېقىندا فرانسىيەنىڭ پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ۋە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سان بېرنادىنو شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە تېررورلۇق قىلمىشى دائىم دىن بىلەن بىۋاسىتە باغلاندى»، دېدى.

  ئوباما، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يېقىندىن بېرى مۇسۇلمان ئاممىسىغا قارىتىلغان «كەچۈرگۈسىز» ئاداۋەتلىك سۆزلەر پەيدا بولدى، ھەمدە مۇسۇلمان ئاممىسىغا قارىتىلغان تەھدىت سېلىش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلدى، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ قىممەت قارىشىغا بولغان ئىگۋاگەرچىلىك بولۇپ، چوقۇم تۈزىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  يېقىندىن بېرى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا قارىتا قورقۇنچ ۋە ئاداۋەت كەيپىياتى يەنە بىر قېتىم كۈچەيدى. پيۇ تەتقىقات مەركىزى 3-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %49ئامېرىكىلىق «ئاز دېگەندە بىر قىسىم ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ئامېرىكىغا قارشى مەيداندا» دەپ قارايدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر