خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-فېۋرال كەچتە، « جۇڭخۇا مېھرى . جۇڭگو ئارزۇسى » 2016 - يىللىق چاغان كىلاسسىك مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئورۇندىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان قالتىس مۇزىكا نومۇرلىرىنى بەخىش ئەتتى.
مۇزىكا كېچىلىكىدە شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرى ئاساسلىق ئورۇنداشنى ئۈستىگە ئالغان، جوڭگوچە ئەلنەغمە قوشۇمچە قىلىنغان، يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا، يالغۇز كىشىلىك ناخشا قاتارلىق كۆپ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇزىكا كېچىلىكىدىكى نەپىس سەنئەت نومۇرلار بىلەن ھەيۋەتلىك كەيپىيات مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن.
مۇزىكا كېچىلىكىدە ئورۇندالغان « شىنجاڭ سىمفونىيىسى » بۇ مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىسى روزى ھامۇت « ئانارخان »نى ئېيتىپ، شىنجاڭ مىللىي مۇزىكىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، ياش ناخشىچى سۈي رۈي ئورۇندىغان « قىزىل راۋاقتىكى چۈش » تىن ئارىيە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەيدان كېچىلىكنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئويۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرى ئورۇندىغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى