خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016ـ يىللىق مۇسابىقە پەسلى CBAبىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى 5-فېۋرال ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تىيەنجىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 100گە قارشى 145نەتىجە بىلەن چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۇپ،ئۇدا ئۈچ قېتىم غەلبە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە 30مەيدان غەلىبە قىلىپ ،سەككىز مەيدان مەغلۇپ بولۇش نەتىجىسى بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولدى.
بۇ شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بېيجىڭكوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغىنىدىن دېرەك بېرىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى CBAبىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىدە بىردىنبىر مەغلۇپ بولمىغان كوماندا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى