ئانىسى باشقىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇۋاتقان، كىچىك بالىسى ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي، زور ئىشتىھا بىلەن قېتىق ئىچىۋاتقان سۈرەتكە قاراپ سۆزلەيمەن:
قۇياش ئەمدىلا نەيزە بويى ئۆرلىگەن چاغ ئىدى، بىرگە يۈرگەن فوتوگرافلار كېتىۋېتىپ، چىرايلىق تاشكەن دوپپا، ئەتلەس كۆينەك كىيگەن، چىرايىدىن كۈلكە ئوقچۇپ تۇرغان ئايالنى كۆرۈپ ئاپپاراتلىرىنى ئالدىراش تۈزەشتۈرۈپ توغرىلاشتى... پاراس ــ پۇرۇس ئاۋازلار سۈرەتنىڭ كەينى ــ كەينىدىن تارتىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇ ئەسنادا، قىلچە خىيالىمدا يوق بىر سەبىي بالىنىڭ پەستە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قاچىدىكى قېتىقنى زور ئىشتىھا بىلەن ئىچىۋاتقان ھالىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، بالىنىڭ ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي، بالىلىق مىجەزىگە خاس ئەركىن ئولتۇرۇش ھالىتى، قاچىنى پەم بىلەن يەڭگىل كۆتۈرۈپ قېتىق ئىچىش ھالىتى خىيالىمنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتتى ــ دە، ئاپپاراتىمنى لەسسىدە تۆۋەنلىتىپ تەپكىنى ئۇدا تارتىش ھالىتىدە باستىم... ئاپپارات ئېكرانىدا كۆرۈنگەن سۈرەت شۇنداق تەبىئىي ئىدىكى، ئانىمۇ ئۆز خىيالى بىلەن، بالىمۇ ئۆز ئىشتىھاسى بىلەن ئىدى. بۇ سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۇ سەبىي بالىنىڭ خىيالى تولىمۇ ئەركىن، روھى ھالىتى تولىمۇ ئوماق، ھەرىكەتلىرى تولىمۇ يەڭگىل، چىرايلىق كۆرۈنەتتى. مانا بۇ ھەقىقىي رېئاللىق، ھەقىقىي گۈزەللىك، ھەقىقىي تەبىئىيلىك ئىدى...
بۇ سۈرەتكە ھەر قېتىم كۆزۈم چۈشكەندە، ھېس ــ تۇيغۇمدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. بىرى ــ رېئاللىق، گۈزەللىك، تەبىئىيلىك توغرىسىدا دېئالوگلۇق چىرماش خىياللارنى سۈرىمەن؛ يەنە بىرى ــ ئۆزۈمنىڭ ھەم نەۋرەمنىڭ شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ سەبىي چاغلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن ــ دە، ئۆزگىچە گۈزەل، ئۆزگىچە ئەركىن، ئۆزگىچە مەمنۇن، ئۆزگىچە تۇيغۇلار ئىچىدە غەرق «مەست» بولۇپ، ئۆزۈمگە ئۆزۈم سۆزلەپلا كېتىمەن...
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى