قەشقەر شەھىرىدىكى تار كوچىلار بەدىئىي سۈرەت ئىجادىيىتىمنىڭ مەنبەسى ئىدى. يېقىندا، بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىپ ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم... ئۇ چاغلاردا مەن بۇ كوچىلارنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتتىم ــ دە، ھېلى ئوڭغا، ھېلى سولغا قايرىلىپ يۈرۈپ، نى ــ نى گۈزەللەرنى، نى ــ نى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەتتىم، ھېس - تۇيغۇلىرىم كۈچەيگەنسىرى چارچىغاننىمۇ بىلمەي قالاتتىم. كوچىدىكى ئوماق ــ سەبىي بالىلارنىڭ مېنى «چەتئەللىك» كەن دەپ، قاراپ «خالوۋ؟!» دەپ چاقىرىشلىرى، سۈرەتكە تارتىپ قويمامسىز؟! دەپ پىشىمدىن چىڭ تۇتۇۋېلىشلىرى مېنى تولىمۇ قىزىقتۇراتتى. بۇ كوچىلاردا قالغان ئاشۇ ئىزلىرىم ئەمدى مەن ۋە باشقىلار ئۈچۈن تارىخى ئەسلىمە بولۇپ قالدى...
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى