باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى

2016.02.04 17:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-فېۋرال، شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز چىقىرىش مىقدارى ئۇدا تۆت كۈن 102 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى، بۇ شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ «100 مىليون»لۇق دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈندىن كۈنگە شىددەت بىلەن ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىلەن ئىستېمال مىقدارىمۇ ماس قەدەمدە ئاشقان. 2003-يىلى دۇنيا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە گاز مىقدارى 403 كۇب مېتىر، دۆلىتىمىزنىڭ 25 كۇب مېتىر بولغان؛ 2014-يىلى دۇنيا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرا گاز مىقدارى 450 كۇب مېتىرغا، دۆلىتىمىزنىڭ 140 كۇب مېتىرغا يەتكەن.

  شىنجاڭ تەبىئىي گاز كۆلىمىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغىمۇ بىۋاسىتە بەخت يارىتىدۇ. 2014-يىلى «شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، يەرلىكتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان گاز مىقدارى 240 كۇب مېتىرغا يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1.7 ھەسسە ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر