باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

2016.02.04 17:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 3 - فېۋرال 2015 - يىللىق خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق دېدى: خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مەركىزىي ئاپپارات، ئۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ تولۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «13 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، بەنگۇڭتىڭدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق ئېڭى ۋە بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشىنى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر - بىرىگە باغلاش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، سىياسىي ئىشلاردا مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتەك فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى؛ «يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش»نى باش يېتەكچى قىلىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىنى؛ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشتۈرۈشنى يادرو قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەرتىپىنى ئىجرا قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇشتا «يىل بېشىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ قېلىپلاشتۇرۇش، يىل ئوتتۇرىدا ئىجرا قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىل ئاخىرىدا نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «13 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بەنگۇڭتىڭ 2016 - يىلى بەنزە قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، ياخشى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ «1 - قول مەسلىھەتچىسى»لىكىنى ياخشى قىلىدۇ؛ ئىجرا قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خىزمەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشىشىگە، ئەمىر - پەرمانلارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «چوڭ مۇلازىمەتچىسى»لىك رولىنى ياخشى ئادا قىلىدۇ؛ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ - چوڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ «ئۈنۈملۈك نازارەتچىسى»لىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، پاك - دىيانەتلىك بولغان خىزمەت مۇھىتى يارىتىدۇ.

  خۇاڭ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، چيەن جى، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2015 - يىللىق مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر مەمۇرلىرى تەقدىرلەندى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر