باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 30-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش ۋە چىڭ تۇتۇش كېرەك

2016.02.01 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدا 30-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ــ «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ باش ۋەزىپىسى ۋە تۇتقىسىدۇر. ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى دەل جايىدا توغرا تۇتۇش، تۇتۇش ھەم چىڭ تۇتۇش «13-بەش يىل»دا تەرەققىياتنى ياخشى باشلاش، ياخشى باشلىنىش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش ئۈچۈن كۆڭۈلدە سان بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ھەرىكەتكە كېلىشتە تەدبىرلىك بولۇش، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش ئىرادىسى، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تۈرتكە بولۇش، «13-بەش يىل»دىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش قىلدى ھەم خىزمەت تەسراتلىرىنى ئالماشتۇردى. ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ چۈنشيەن، خەن جېڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۇقتىلىق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: مۇھىم نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەش ئارقىلىق يۈزەكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالەتتىن تەڭپۇڭ ھالەتكە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ تەلىپى بولۇپ قالماي، يەنە پارتىيەمىز ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات تارىخىي مۇساپىسىدە ئىزچىل تەشەببۇس قىلغان ھەم چىڭ تۇرغان نۇقتىدۇر. «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېڭىچە تەرەققىيات ئېڭى، بەش چوڭ تايانچ خاراكتېرلىك سىياسەت، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر