- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىككى تارماق: ئاممىۋىي ئىجارە ئۆيلىرى ئۈچ يىللىق ئۆي مۈلۈك بېجى قاتارلىق باج ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
2016.02.04 16:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-فېۋرال مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاممىۋىي ئىجارە ئۆيلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، دۆلىتىمىز ئاممىۋىي ئولتۇراق ئۆيلىرى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە قارىتا ئۆي-مۈلۈك بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت باج باش ئىدارىسى تارقاتقان ئەڭ يېڭى «ئاممىۋىي ئىجارە ئۆيلىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجىدا ئېتىبار قىلىش سىياسىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي ئىجارە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى مەزگىلىدىكى يەر ئىشلىتىش ۋە ئاممىۋىي ئىجارە ئولتۇراق ئۆيلىرى پۈتكەندىن كېيىن ئىشلىتىلگەن يەردىن شەھەر-بازار يەر ئىشلىتىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئاممىۋىي ئىجارە ئۆيلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن ئاممىۋىي ئىجارە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر