باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى ئۆلكە ئاپتونوم رايونلارنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى ئارقا ئارقىدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى

2016.02.05 14:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ھەر قايسى مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان تەكلىپلىرى ئارقا ئارقىدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش،ئەمگەك ھەققىنى يۇقىرىلىتىش ۋە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈش، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش پەيدىن پەي جايلارنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  جايلار ئېلان قىلغان 13-بەش يىللىق پىلان تەكلىپلىرىدە شىزاڭ، جىلىن، گۇاڭشى، سىچۈەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە بىر قاتلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جايلار ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا،كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئادىللىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىدۇ. گۈيجۇ ئۆلكىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشۇرۇپ، كىرىم پەرقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا كىرىملىك نوپۇسنىڭ نىسبىتىنى كۆپەيتىمىز. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىلىكىدىكى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن%13 كۆپەيتىلىدۇ، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىلىكىدىكى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 كۆپەيتىلىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى زورايتىلىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، نامراتلارنىڭ يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرۈشىنى ياخشى قىلىش جايلارنىڭ 13- بەش يىللىق پىلان تەكلىپىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا بولدى. ھازىر كۆپلىگەن ئۆلكىلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق، كارغا كېلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھازىرقى ئۆلچەمدىن تۆۋەن نامرات نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  2015-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى پىلانى بويىچە يەتتە مىليون 400 مىڭ يۈرۈش ئۆي يېڭىدىن سېلىندى. 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جايلار كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تىز ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ئۆي كۆلىمىنى30 كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تاشيول ، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەم ۋە ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش جايلارنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. يۈننەن ئۆلكىلىك قاتناش تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل تاشيول ، سۇ يولىغا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىز سۈرەتلىك تاشيولغا 70 مىليارد يۈەن، يول تورىنى ياخشىلاشقا 15 مىليارد يۈەن ، يېزا تاشيولىغا 15 مىليارد يۈەن، سۇ قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ.

  كۆپلىگەن ئۆلكىلەر ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرلىككە كەلگەن شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ،ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىياسىتى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئېغىر كېسەللەر ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئۆستۈرۈلىدۇ. ھازىر نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۆز تەۋەسىدە شەھەر يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلىدى. بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقىرىدۇ، 2017-يىلى بىرلىككە كەلگەن تۈزۈم رەسمىي يولغا قويۇلۇشتىن ئۈمىد بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر