باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن يېڭى قاشتېشى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ

2016.02.05 13:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1 - نومۇرلۇق تارقىتىش بۆلۈمىدە 2016 - يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكى رەپىتىس قىلىنماقتا ئىدى، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كەلگەن 28 نەپەر ئارتىسنىڭ ھەممىسى پۈتۈن زېھنى بىلەن رەپىتىس قىلىۋاتقان بولۇپ، تاللانغان ناخشا - ئۇسسۇللار شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھەممەيلەن بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن ئىدى.

  بۇ خوتەن يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 2010 - يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئورۇندىغان « پارتىيىنىڭ سىياسىتى ياخشى »دىن كېيىن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئىككىنچى قېتىم ئويۇنغا قاتنىشىشى بولۇپ، يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكى ئۈچۈن زور شەرەپ، شۇنداقلا ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى. بۇنىڭ بىلەن، خوتەن ۋىلايىتىدىن تاللانغان 28 نەپەر ئارتىس2015-يىلى 28-دېكابىر بېيجىڭغا كېلىپ، دەرھال جىددىي ۋە جاپالىق رەپىتىسنى باشلىۋەتتى.

  بۇ يىل يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشا - ئۇسۇل نومۇرى « سېنىڭ ئۇلۇغ قوينىدا » غا قاتنىشىدىغان بولۇپ،بۇ ئاز سانلىق مىللەت ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرىدا ئۇيغۇر، زاڭزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، جۇاڭزۇ قاتارلىق رەڭگارەڭ گۈزەل مىللىي ناخشا - ئۇسسۇل نامايان قىلىنىدىغان بولۇپ، بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئارتىسلىرى بىرلىكتە ئورۇنلايدىكەن. يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىغان « توي سەنىمى » دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئون ئىككى مۇقامدىن تاللاپ ئېلىنغان بولۇپ، ناخشا - ئۇسسۇللار قىزغىن ۋە ئۆزگىچە ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر