باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادى تۆت چوڭ ھەرىكەت ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولدى

2016.02.05 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى 2015-يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىكى سىجىل ئېشىش ئارقىلىق، كۆلىمى ئون تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، ھازىر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ھەر بىر پوئېنت ئېشىشى بەش يىل بۇرۇنقى ئېشىشنىڭ 1.5 پوئېنتىغا، ئون يىل ئىلگىرىكى ئېشىشنىڭ 2.6 پوئېنتىغا توغرا كەلدى. شۇڭا، يېڭى، كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئالمىشىشى جەريانىدا، %6.9 لىك ئېشىشنى قالتىس شۇنداقلا ئاسان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.

  شۈ شاۋشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولماقتا، يېڭى ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇغلانماقتا، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى مۇنداق تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: 1-ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. 2-ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلدى. ئىنتېرنېت قوشۇلغاندىن ئىبارەت بۇ قاتلامدا، جۇڭگو يەنە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىگە بولدى، تۈرلۈك ئىنكۇباتور، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يەنە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام ئۈستىگە ئېلىش، ئاۋام جۇغلاش، ئاۋام يۆلەشتىن ئىبارەت تىرەك سەھنىسىگە ئىگە بولۇپ، بىر مۇكەممەل سىستېما شەكىللەندۈردى. 3-يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھالەت يېڭى ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %10.2 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭكىدىن 4.1 پوئېنت تېز بولغان؛ توردا پارچە سېتىش سوممىسى تۆت تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، %33.3 ئاشقان. 4-سىرتقا ئېچىۋېتىش-ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ماكانىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى. بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، لىنىيە بويىدىكى 49 دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە سالىدىغان مەبلىغى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن، يەنى %18.2 ئاشىدۇ. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەمكارلىقىنىڭ قەدىمىمۇ ناھايىتى تېز بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ماكانىنى كېڭەيتتى.

  شۈ شاۋشى يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارادىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىغا ئىگە بولدى، 220 خىلدىن ئارتۇق سانائەت مەھسۇلاتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ جۇڭگونىڭ ماددىي ئاساسىي بىر قەدەر پۇختا، بازار ئېھتىياجى بىر قەدەر چوڭ، رايون بوشلۇقى كەڭ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ سۈپىتى ئۆستى، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش تەجرىبىسى ئۈزلۈكسىز بېيىدى. بۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا، «جۇڭگو ئىقتىسادى قاتتىق سىلكىنىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يۈك بولىدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر