باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

جاڭ چۈنشيەن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، پۈتۈن جەمئىيەتتە بەس - بەستە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش، شان - شەرەپ كەلتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش - تەپسىلىيلەشتۈرۈش،ساغلام شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2016.02.05 13:53   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى 4 - فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجە ياراتقان ئىلغار تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپېر، پىدائىي، تاراتقۇ خادىملىرى ۋە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش خىزمىتىگە قاتناشقان تەرەپلەردىكى ئىلغارلار تەنتەنىلىك تەقدىرلەندى. يىغىندىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆھبەتلەشتى.

  ئەمدىلا ئاخىرلاشقان مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا مەرىكە بولۇپ، باشلىنىش - ئاخىرلىشىش مۇراسىملىرى ئېسىل، ئۇنتۇلغۇسىز بولدى، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇسابىقە مەيدان - سارايلىرى تەنھەرىكەتچىلەرگە ئالدىنقى قاتاردىكى مۇسابىقىلىشىش شارائىتىنى يارىتىپ بەردى، شىنجاڭ كوماندىلىرى تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇلازىمىتى ئىنچىكە، ئۈنۈملۈك، قىزغىن، ئەتراپلىق بولدى، تەشۋىقات خىزمىتى داغدۇغىلىق، جانلىق، ئىجتىمائىي تەشۋىقات كەيپىياتى كۈچلۈك بولدى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقە مۇھىتى ئىناق، بىخەتەر، ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئۆلچەملىك، ئۈنۈملۈك بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ قىزغىن بولدى، «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى، خەلقئارا سەۋىيەدىكى، ئىناق، بىخەتەر، قالتىس، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىغان» مەرىكە ئۆتكۈزۈش نىشانىغا يېتىلىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە يۇقىرى تەرىپلەشلەرگە ئېرىشىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى، تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپېر، تېخنىك، مېھمانلار، مۇخبىرلار، خىزمەتچىلەر، پىدائىيلار بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى. مۇسابقىدە ئىككىيلەن ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزدى، ئۈچەيلەن ئۈچ قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى يېڭىلىدى، بىرەيلەن بىر قېتىم مەملىكەتلىك ياشلار رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئېلىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچى مەيدان - سارايلىرى جەھەتتە دۇنيا رېكورتى يارىتىلىش، مەملىكەت رېكورتى بۇزۇپ تاشلىنىشتەك ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

   تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، مۇنەۋۋەر پىدائىيلار، ساقچىلار، ئېچىلىش مۇراسىمى كوللېكتىپى، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، بۇ كاتتا مەرىكىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، گۈزەل، ئۇنتۇلغۇسىز قىشلىق تەنھەرىكەت خاتىرىسىنى ئەسلەشتى. جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىك بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى، خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  ۋەكىللەر تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ئىشىكى ئالدىدا كاتتا قار - مۇز مەرىكىسىگە قاتنىشالىغانلىقىدىن، مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەنگەنلىكى، ئىپتىخارلانغانلىقىنى ئېيتىشتى. كۆپچىلىك مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسى، شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى ۋە ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى، «ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش - تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش - ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش - ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنى جانلىق ئىزاھلىدى ۋە زورايتتى، «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن مۇستەھكەم ئېتىقادنى يېتىلدۈردى، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» مۇستەھكەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، گۈزەل شىنجاڭدىن ئۇرغۇغان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى. تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپېر، پىدائىيلار ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتچى خادىملار مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە تۆھپە قوشتى، كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپلا قالماي، يەنە بىزگە كۆپ ئىلھام ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇردى، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىشىمىز، ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە بەس - بەس بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش، شان - شەرەپ كەلتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش - تەپسىلىيلەشتۈرۈش، ساغلام شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بەس - بەس بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئېڭى. ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا تىرىشىدىغان جاسارەت بىلەن، دادىل ھالدا ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىپ، دۆلەت ۋە شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇش كېرەك؛ شان - شەرەپ كەلتۈرۈش ئېڭى. ھەممە كىشى شىنجاڭ ئوبرازىنى تىكلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ شەرىپىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛

  ئىنچىكىلەشتۈرۈش - تەپسىلىيلەشتۈرۈش ئېڭى. تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛

  ساغلام شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئېڭى. ئەۋزەل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ساغلام شىنجاڭ بەرپا قىلىش كېرەك. خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق 207 ئىلغار ئورۇن، ئادالەت ئابلا قاتارلىق 634 ئىلغار شەخس مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى ھەيئىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى گاۋ جىدەن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىگە ۋەكىل بولۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھالقىش خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلغان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەنگەن، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ يەنە خاسلىققا تولغان، خەلق رازى بولغان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كاتتا مەرىكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دىققەت - ئېتىبارى، قوللىشى ۋە پائال قاتنىشىشىغا، مەملىكەتتىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ مەدھىيەلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە ياخشى ئاساس سالدى. شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكىنى پەللە قىلىپ، «300 مىليون كىشىنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش»قا شىنجاڭچە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى يېڭى پەللە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ۋە تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلام ئىدىيە ۋە ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى يېتىلدۈرۈپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، مەدەنىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈككە ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىستىل يېتىلدۈرۈش كېرەك. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ئورۇنلاشتۇرمىسى مۇۋاپىق، تەكشى - ماس بولغان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ تەڭ باراۋەر ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەنتەربىيە كەسپىگە يورۇق كەسىپ، يېشىل كەسىپ، گۈللىنىۋاتقان كەسىپ سۈپىتىدە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەنتەربىيە كەسپىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تايانچ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش پەللىسى قىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تاۋلىنىپ چىققان ۋەتەننى سۆيۈپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئالاھىدىلىكنى قوغلىشىش، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش روھى ۋە ئىستىلىنى ياخشى ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي تەقدىرلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېنلەر تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ خىزمەت بۆلۈملىرى ۋە ئەزا ئورۇنلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئۈرۈمچى ۋە سانجى ئىككى مۇسابىقە رايونى، تاراتقۇ قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار يولداشلار خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى. 

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى