- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى
2016.02.05 14:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 3-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئەسەبىي تەشكىلات ۋە ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ ئۆلكىسىنىڭ ئىككى بازىرىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەسەبىي تەشكىلات قوللاش فىرونتى قاتارلىق ھەلەپ ئۆلكىسىنىڭ نۇبېر ۋە زاخارا بازىرىدىكى ئۇزۇن يىللىق قامالىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۇ رايوندىكى ئەسەبىي تەشكىلات ۋە ئۆكتىچى قوراللىقلارنى قايتا مەغلۇپ قىلدى. رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېقىندىن بۇيان شىمالدىكى نۇرغۇن ئۇرۇش سەپلىرىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر