باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇش بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

2016.02.04 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 3-فېۋرال، جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەننىڭ بۇ ئاي ئىچىدە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىگە قارىتا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ يېرىم ئارالدا قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇش بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك 2-فېۋرال، چاۋشيەن تەرەپنىڭ خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى قاتارلىق ب د ت ئورگانلىرىغا چاۋشيەننىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بىر يەرشارى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر