جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى مايمۇن يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار، بىرلىكسەپ خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى بىللە قاتناشتى. 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى ھەم كېڭىشىش دېموكراتىيىسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بەردى.
شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 13-بەش يىللىق پىلان رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تارىخىي بۈيۈك مۇقەددىمىسى رەسمىي ئېچىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات كېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قىرغىقىغا يەتكۈزۈشتە، ھەم جۇڭگو كومپارتىيىسىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور كېمىنىڭ رولىنى ياخشى تۇتۇشقا ھەم جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە بىرلىكسەپ ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە بۇ كېمىنى ياخشى ھەيدىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىرلىكسەپ ئىختىساسلىقلىرىنى جەملەش، ئەقلىي كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى چوڭ ئاقىللار ئامبىرى دېيىشكە بولىدۇ. مەن يولداشلارنىڭ 13-بەش يىللىق مەزگىلىدىكى تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ لوگىكىنى ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەسىلە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلە، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق مەسىلە ھەققىدە جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ۋە سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشىغا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيەتچىل، راستچىل بولۇش، بولۇپمۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشقا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكسەپنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ ئەقلىي كۈچىنى بىر يەرگە جۇغلاپ، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش؛ دېموكراتىك نازارەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى، مۇھىم سىياسەتلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى مۇھىم چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچلەرگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭىشىش، كۆپ پارتىيىلەر ھەمكارلىقى-جەريان دېموكراتىيىسى ۋە نىشان دېموكراتىيىسىدىن ئىبارەت بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈردى. كۆپ پارتىيىلەر ھەمكارلىقى جەھەتتە، بىز بىر جەھەتتىن ئەڭ زور مەركەزداش چەمبەر ئىچىدە ھەمكارلاشتۇق، يەنە بىر جەھەتتىن، بىز سىياسىينىڭ نۇرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردۇق. دەل مۇشۇ خىل ئوخشىماسلىق-ئەڭ كەڭ بىرلىكسەپنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەلرايىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكى، كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. مەن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارنىڭ ئومۇملۇق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاقلىق ئېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە ياخشى ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشق ئاشۇرۇش-خەلقنىڭ ئارزۇسى شۇنداقلا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسىلا، بىز چوقۇم 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ شانلىق يېڭى سەھىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى يېزىپ چىقالايمىز.