باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

« بېيجىڭ - دۈشەنبە - بېيجىڭ »گە بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئىچىلدى

شىنجاڭ كارخانىلىرى تۇنجى قېتىم خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى ھۆددىگە ئالدى

2016.02.04 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپى ئىتتىپاقى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، « دۈشەنبە - بېيجىڭ - دۈشەنبە »گە بىۋاستە ئۇچىدىغان تۇنجى ئايروپىلاننىڭ چاغاندىن كېيىن رەسمىي ئۇچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغان سوۋغا ھىسابلىنىدۇ.

  « دۈشەنبە - بېيجىڭ - دۈشەنبە »گە بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى تاجىكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ساياھەت كەسپى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئاچقان. نۆۋەتچى ئايروپىلان تاجىكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بوئىن 757 -تىپلىق ئايروپىلانى ئىكەن. بۇ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى بىلەن خەلقئارا ئاۋاىئاتسىيە لىنىيىسىنى ھۆددىگە ئېلىشى ئىكەن.

  نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە بىر قاتنايدىغان بۇلۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى (دۈشەنبە ۋاقتى) چۈشتىن كىيىن 5تە ئۇچۇپ، يەرگە ئىككىنچى كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى) سەھەر سائەت 1 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭغا قونىدىكەن؛ سەيشەنبە كۈنى ( بېيجىڭ ۋاقتى ) سەھەر سائەت 3 تە بېيجىڭدىن ئۇچۇپ، دۈشەنبىگە (دۈشەنبە ۋاقتى) ئەتىگەن سائەت5 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يېتىپ بارىدىكەن.

  تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مەسلىھەتچىسى، باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى ئابدۇلھاشىموۋا شاھرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى جاي ئارىسىدا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ئەركىن بېرىش - كېلىش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىدە موھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىدىكى بىر مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ قالىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر