خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: سىدىق مىجىت، رەھىمە ئادىل خەۋىرى، فوتوسى) توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەنتەنە قىلىش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش، دېھقانلارنىڭ قىشتىكى ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇلارغا مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن 1-ئاينىڭ28-،29-،30-كۈنلىرى توما كەنتى ۋە ئىچئېرىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» تېمىسىدا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئىچئېرىق يېزىسىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرى، ئورگان كادىرلىرى، 21كەنتتىن كەلگەن 900گە يېقىن دېھقان ماھىر ۋە دېھقان ۋەكىللەر شۇنداقلا قوشنا ناھىيە يېزا-بازارلاردىن كەلگەن دېھقانلار بولۇپ 10مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى. مۇسابىقىدە ئىچئېرىق يېزىسىنىڭ ئورگان كادىرلىرى، ھەر قايسى كەنتلەردىن كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى، دىنىي زاتلار ۋە خەلق ئەلنەغمىچىلەر كوللېكتىپ ئۇسۇل، يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل، لەپەر قاتارلىق تۈرلۈك قىزىقارلىق ئەدەبىي-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىچئېرىق يېزىلىق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى 60مىڭ 200يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجراتقان بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرلار ئەر-ئاياللار 100مېتىر، 400مېتىر، 3000مېتىر، 5000مېتىرغا يۈگۈرۈش، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش، پۇتىنى باغلاپ يۈگۈرۈش، ئەر ئايالنى يۈدۈپ يۈگۈرۈش، ئاياللارنىڭ ئاتلىغۇچ ئويناش، تەپكۈچ تېپىش، بالون ئېغىتىش، قىسقا ئارىلىقتا كالتەكنى ئوننى چۆرگىلەپ يۈگۈرۈش، ئەر-ئاياللار ئارغامچا تارتىشىش، قوچقار، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، چېلىشىش، تىكتاك توپ، ۋالىبول، ۋاسكېتبول ئويناش، ئات ۋە ئېشەك بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق 19چوڭ تۈر بۇيىچە «ئادىل، ئاشكارا، باراۋەر» مۇسابىقىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشتى.
مۇسابىقە ئاخىرىدا يەككە تۈرلەردە ۋە كوللېكتىپ تۈرلەردە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن دېھقان تەنھەرىكەتچىلەر نەق مەيداندا نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلدى.
توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا قاراتاش كەنتىدىن دېھقان ماھىر روزى ھامۇت نەق مەيداندا 4000يۈەن مۇكاپات ئېلىپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بۈگۈن ئىچئېرىق يېزىسىنىڭ توما كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئات بەيگىسىنىڭ 10مېتىرلىق تۈرىدە مەن 1-دەرىجىگە ئېرىشتىم ھەمدە 4000يۈەن نەق پۇل ئالدىم، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئىگىلىنىشىچە، ئىچئېرىق يېزىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 21مەيدان دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئەدەبىي-سەنئەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى