- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش دېرىكتورى سى شيەنمىن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيىدىن ھەيدەلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
2016.02.04 15:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھ شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دېرىكتورى سى شيەنمىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
« جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى » قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەستىقلىشى بىلەن سى شيەنمىنگە پارتىيەدىن قوغلاش؛ مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ قولغا ئېرىشكەن مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىش؛ جىنايەتكە ياتىدىغان مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە جىنايەتكە چېتىشلىق پۇل ۋە ماللارنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلىندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر