خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-فېۋرال، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا چوڭ ئەترىتى، توقسۇن ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش ئارقىسىدا، يوقاپ كەتكىلى 6 يىل بولغان قىزچاق ئۆز دادىسى بىلەن كۆرۈشتى ھەم تونۇشتى. ئالتە يىل ئىلگىرى، ئىككى ياشلىق بۇ قىز ئۈرۈمچىدە ئويناۋاتقاندا ئالداپ كېتىلگەن، ئالتە يىلدىن كېيىن، قىزچاقنىڭ بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ئۈندىدار چەمبىرىكىدە تارقالغان ئادەم ئىزدەش ئېلانىنى كۆرۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن، قىزچاق ئۆز ئاتىسىنى تاپتى.
ساقچىخانا ئالدىدا قىزچاق ئۆز ئاتىسىنى سۆيۈپ قويدى، ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئاتىسى بىر ياندا كۆڭلى يېرىم ھالدا تۇرماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى