باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇساپىرلار كېمىسى تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ 9 ئادەم قازا قىلدى

2016.02.03 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە تاراتقۇرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11 ئادەم ئولتۇرغان بىر مۇساپىرلار كېمىسى 2 -فېۋرال تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئېگېي دېڭىز تەۋەسىدىن گرېتسىيە ئارىلىغا قاراپ يۈرگەن يولدا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز ئادەم قازا قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان، ئىككى ئادەم قۇتقۇزىۋېلىنغان.

  تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئېگېي دېڭىز تەۋەسى سۈرىيە مۇساپىرلىرى ياۋروپاغا بارىدىغان ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى. 2015-يىلىدىن بۇيان، تەخمىنەن 400 مىڭ مۇساپىر تۈركىيەدىن گرېتسىيە تەۋەسىگە قانۇنسىز كىرگەن. تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015-يىلى 80مىڭدىن كۆپرەك مۇساپىر تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان، يەنە 3000 دىن كۆپرەك كىشى پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان. تۈركىيەدە ھازىر دەل قىش پەسلى، لېكىن ھەر كۈنى يەنىلا نەچچە مىڭلىغان چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈدىغان مۇساپىرلار بار، ئۇلار تەۋەككۈل قىلىپ ئاددىي پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ياۋرۇپاغا بارىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر