باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەلدىكى يۈز مىليارد دوللارلىق مۈلكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىران كۆپ قېتىم زور سوممىلىق سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى

2016.02.03 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ھۆكۈمېتىنىڭ باياناتچىسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارىتىلغان جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن، ئىران ئىلگىرى توڭلىتىلغان چەتئەلدىكى 100مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۈلكىنى ھازىر ئىشلىتەلەيدىغان بولغان. يېقىندىن بۇيان، مەبلىغى مول ئىران ھۆكۈمىتى خەلقئارا بازاردا كۆپ قېتىم نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن زور سوممىدىكى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان.

  ئىران خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-فېۋرال ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد باجىر نوباخىتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزىنى ئېلان قىلدى. يۈز مىليارد دوللارلىق مۈلۈكنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە قارىتا، نوباخىت، 2012-يىلى خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارىتىلغان جازانى كۈچەيتكەندىن بۇيان، نۇرغۇن مۈلۈك ھىندىستان، ياپونىيە، كورىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بانكىسىدا توڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر