باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستانلىق ئۆسمۈر ئۈنۈم قوغلىشىپ پويىز ئاستىدا قېلىپ قازا قىلدى

2016.02.03 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ بىر 16ياشلىق بىر بالا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتقاندا ئۈنۈم قوغلىشىپ، ئۇچقاندەك كەلگەن پويىز ئاستىدا قېلىپ پاجىئەلىك ھالدا قازا قىلدى.

  ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جىننەھ ساقچى تەرەپ 1-فېۋرال، بۇ ئۆسمۈرنىڭ ئالدىنقى كۈنى دوستى بىلەن ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئوينىغىلى بارغانلىقىنى، كەچتە پىيادە مېڭىپ رېلىسقا يېقىن كەلگەندە ئۆزىنى ئۆزى رەسىمگە تارتقانلىقىنى، رەسىمنىڭ ئۈنۈمىنى قوغلىشىپ، ئالايىتەن پويىز يېقىن كەلگەندىلا ئاندىن سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي، بۇ پاجىئە كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بېرى، «ئۆزىنى ئۆزى رەسىمگە تارتىش قىزغىنلىقى» پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىدى، كىشىلەر ئۆزىنى رەسىمگە تارتقاندا بارغانسېرى يارقىن نۇقتا قوغلىشىدىغان بولدى، ھەتتا خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن تراگېدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، ھىندىستاننىڭ بومبايدا بىر قىز ئۆزىنى رەسىمگە تارتقان چاغدا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى، بىر ئەر ئۇنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا بەختكە قارشى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى. بۇلتۇر 5-ئايدا، رۇسىيەدە بىر ئايال تاپانچا تۇتۇپ ئۆزىنى رەسىمگە تارتقاندا ئوق چىقىپ كېتىپ، مېڭىسىگە ئوق تەگكەن بولسىمۇ، بىراق بەختكە يارىشا ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى.

  «ئۆزىنى رەسىمگە تارتىش جەريانىدا ۋەقە يۈز بېرىش»كە قارىتا، بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى، ئۆزىنى رەسىمگە تارتقان ۋاقىتتىكى يوشۇرۇن خەتەرلەرنى ئەسكەرتتى، ھەتتا ئۆزىنى رەسىمگە تارتىشنى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارغا ئوخشىتىپ، بۇنى جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان بىر خىل تەھدىت دەپ قارىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر