باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ 264 مىليون يۈەن قىشلىق، ئەتىيازلىق تۇرمۇش قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغىنى ئاجراتتى

2016.02.04 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپەتكە ئۇچرىغان، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىش، ئەتىياز مەزگىلىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەزنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق تۇرمۇش قۇتقۇزۇش ياردىمى مەبلىغىدىن 264 مىليون يۈەن ئاجراتقان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 264 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاساسلىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش، ئەتىياز مەزگىلىدىكى ئاشلىق، كىيىم - كېچەك، ئىسسىنىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى جايلاردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى مەشغۇلات ھېساباتىنى ۋاقتىدا تۇرغۇزۇپ، قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى تېزدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تارقىتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «تەبىئىي ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئېپقالماي، ئىشلىتىۋالماي، ئائىلىلەر تىزىملىتىش، كەنت باھالاش، يېزا تەكشۈرۈش، ناھىيە بېكىتىش تەرتىپىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىنى ئەستايىدىل بېكىتىپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بەرمەي، تۈجۈپىلەپ قۇتقۇزۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلار، نامرات رايونلار ۋە يېڭىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە، بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە، مېيىپلەر، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى قاتارلىقلارنى ئالدىن قۇتقۇزۇپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە بىرمۇ ئائىلە چۈشۈپ قالماسلىققا، بىرمۇ كىشى كەم قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر