باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1 - فېۋرالدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى تويلىشىش، ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرگەندە بارماق ئىزى تەكشۈرۈلىدۇ

2016.02.04 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1 - فېۋرالدىن باشلاپ، يېڭى « تويلىنىشنى تىزىملاش خىزمەت قائىدىسى » يولغا قۇيۇلۇپ، يېڭى قائىدە بويىچە تويلىشىشقا تىزىملىتىش گۇۋاھلىق بېرىشتە بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈش ھالقىسى كۆپەيتىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ شۇ كۈندىن باشلاپ يېڭى ئۆلچەمنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى ئۆلچەمدە ئىلتىماسچىلار « تويلىشىشقا تىزىملىتىش ئىلتىماسى »، « ئاجرىشىش تىزىملىتىش ئىلتىماسى »، « تويلىشىش ئىشلىرىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەدۋىلى » قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تولدۇرغاندا ئىمزا قويۇپلا قالماي يەنە، بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈش، توي ئىشلىرىنى تىزىملاش جەريانىدا، ئىلتىماسچىلار نەق مەيداندا ئىلتىماس مەزمۇنىنى بايان قىلىش، تويلىشىشنى تىزىملىغۇچى قەسەم نازارەتچىسى بولۇش ھەمدە قەسەم نازارەتچىسى دېگەن كاتەكچىگە ئىمزا قويۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈپ گۇۋاھلىق بېرىش بىر تەرەپتىن تويلىشىشنى تىزىملاش تەرتىپىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تويلىشىش ئىشلىرىنى تىزىملاتقان ئىككى تەرەپ ئۈچۈن « قوش سوغۇرتا » تەدبىرى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.

  ئالاقىدار خادىم مۇنداق دىدى: «بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈپ گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق بۇرۇنقى ساختا توي خېتى، تويدىن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى ياساش ۋە يالغاندىن ساختا توي خېتى، تويدىن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى، شۇنداقلا تويلىشىشنى تىزىملاش ئورگان خادىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرغىلى بولىدۇ.»

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر