باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چې جۈن قاغىلىق ناھىيەسىدە ھال سوراش يۈزىسىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مۇقىملىقنى تۇتۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىر قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.02.04 17:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 2 - فېۋرالدىن 3 - فېۋرالغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىكى يولداشلارنى باشلاپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى يېزا - بازار، كەنت، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى ۋە نامراتلارنى قوشماق بولۇپ يۆلەش ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

   چې جۈن مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى يىغىنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش قاتتىق مەسئۇلىيەت، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش چىڭ قائىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتتىق ۋەزىپە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشى، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  چې جۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باشتىن - ئاخىر سەگەك بولۇپ، بىپەرۋالىق، بوشاڭغۇلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى، «قاپقاقنى ئېچىش، پەردە ئارقىسىدىكىنى تارتىپ چىقىرىش»، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، تۈرلۈك ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياخشى شارائىت يارىتىشى كېرەك. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قولدا قاتتىق بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ئۆز ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان تەرەققىيات يولى ۋە تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پائال ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، يېڭى نورمال ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭى رولىنى نامايان قىلىشى كېرەك. نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش، تۈجۈپىلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مەخسۇس تۈر مەبلىغى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، ئىجتىمائىي مەبلەغ، پۇل مۇئامىلە مەبلەغلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى بىرلىكتە قوللىنىپ، تەدبىرلەرنى تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىر ئارقىلىق ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئاممىنى يەنىمۇ مايىل قىلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر