باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى تۇمانغا سۈنئىي ھەمراھ قانداق قارايدۇ؟ «يۇقىرى ئېنىقلىق 4-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھى تارتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەسۋىرىي سۈرەتلەر سىرتقا ئېلان قىلىندى

سولدا «يۇقىرى ئېنىقلىق 4-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ 2016-يىلى 21-يانۋار تارتقان بېيجىڭنىڭ تۇمانلىق ھاۋا رايى مەزگىلىدىكى تەسۋىرىي سۈرىتى، ئوڭدا سۈنئىي ھەمراھنىڭ 2016-يىلى 25-يانۋار تارتقان بېيجىڭنىڭ كۆپ سپېېكترلىك تەسۋىرىي سۈرىتى.

2016.02.04 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى 3-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن «يۇقىرى ئېنىقلىق 4-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھى تارتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەسۋىرىي سۈرەتلەرنى سىرتقا ئېلان قىلدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى تەسۋىرىي سۈرەتلەرنىڭ تەسۋىرى ئېنىق، قاتلىمى ئايدىڭ، ئۇچۇرى مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، 50 مېتىر تولۇق رەڭلىك، 50 مېتىر كۆپ سپېكترلىك، 400 مېتىر ئوتتۇرا دولقۇنلۇق قىزىل ئىنفرا نۇرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كۆزىتىش كەڭلىكى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.

  سۈرەت سۈپىتى، يەر جىسىملىرى تىپى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا، بۇ قېتىم بېيجىڭ، شىنجاڭنىڭ يالقۇن تاغ، شىزاڭنىڭ نامۇسو كۆلى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى، چومۇلاڭما چوققىسى، خۇاڭخې دەريا دېلتىسى، جۇجياڭ دەريا دېلتىسى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ دەنجياڭكۇ شەھىرى، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرىنى تاللاپ كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ، ئوخشىمىغان يەر تۈزۈلۈشىنىڭ تەسۋىر ئالاھىدىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئورمان ئوتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى. بۇنىڭدا يەنە بېيجىڭ شەھىرىدە تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سېلىشتۇرما رەسىم بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر