باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.02.04 17:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2 - فېۋرال 5 - ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى يىغىن»دىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە قۇمۇل، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ۋە ئاساسلىق تەدبىرلىرىنى دوكلات قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى، ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنى، مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا باغلاپ، تۆۋەندىكى ئون جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيدۇ: يەنى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلايدۇ؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ياخشىلايدۇ؛ چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەسەۋۋۇرلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى مەركەز قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، سىستېمىلىق خىزمەت تەسەۋۋۇرى، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى، مۇكەممەل ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى بىلەن، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش داۋامىدا ھۆكۈمەتنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي نامايان قىلىشى كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى ۋە بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى؛ تېجەشلىك بىلەن ئىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاز پۇل خەجلەپ، كۆپ ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇلنى ھەقىقىي دەل جايىدا ئىشلىتىشى؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھازىردىن باشلاپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى بالدۇر پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا ئاساس سېلىشى؛ نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ دەرھال باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ چاغان، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» قاتارلىق مۇھىم ۋاقىتلارنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى؛ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، مەنىن زېينىل، چيەن جى، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، تيەن ۋېن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، يۈ شيۇدۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر