باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقان شائىرلارنىڭ «ھاياتىي كۈچكە تولغان كەنت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى

2016.02.04 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئابلىز خەۋىرى): ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى دېھقان شائىرلار بۇلتۇر بىر يىلدىن بۇيان ئىجاد قىلغان، جاپالىق ئەجىرنىڭ شېرىن مېۋىسى بولغان «ھاياتىي كۈچكە تولغان كەنت» ناملىق، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتىكى شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئو قېزىلما چارلاش-ئېچىش ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ ياردەم قىلىشى ھەم 70مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق، ئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدە 650پارچە بېسىپ چىقىرىلىپ، 22-يانۋار پۈتۈن كەنتتىكى 260ئائىلىگە تارقىتىلدى. بۇ شېئىرلار توپلىمى جەمئىي ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلەكتە، ئاپتونوم رايونلۇق گېئو قېزىلما چارلاش-ئېچىش ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ دېھقانلارغا سوۋغا سۈپىتىدە ئىجاد قىلغان ئۈچ پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن؛ ئىككىنچى بۆلەك دېھقان شائىر ۋە شائىرەلەرنىڭ ئىجادىي شېئىر-نەزمىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كەنتتىكى 15نەپەر دېھقان شائىرلار ۋە شائىرەلەرنىڭ ئىجادى شېئىر-نەزمىلىرىدىن 35پارچە كىرگۈزۈلگەن؛ ئۈچىنچى بۆلەكتە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بۇ كەنتكە چۈشكەندىن بۇيانقى تەسىراتلىرىدىن 300جۈملە كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلار ئاساسلىقى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، پارتىيەنى، ۋەتەننى، قىزىل بايراقنى، تىنچ-ئىناقلىقنى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى، گۈزەل يېزا-كەنتنى، دېھقانلارنى مەدھىيەلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئاتا-ئانىلارنى، جاپاكەش ئاياللارنى، ئاياللار بايرىمىنى كۈيلەش ۋە مەدھىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىز، جۈملىدىن ناھىيەمىزدىكى دېھقان قەلەمكەش، شائىرلارنىڭ تۇنجى قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان ئەجىر مېۋىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېھقان شائىرە تۇرسۇنئاي ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: مەن ئۆزۈممۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا قىزىقاتتىم، ئىلگىرى يازغان شېئىرلىرىمنى خاتىرەمگە چىرايلىق يېزىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم، «ئۈچ ئەل » پائالىيىتى بويىچە كەنتىمىزگە ئاپتونوم رايونلۇق گېئو قېزىلما ئېچىش-چارلاش ئىدارىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار كەلگەندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ كۆپ مەدەت بېرىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىلىق، تۈرلۈك مەزمۇنلاردا 10نەچچە پارچە شېئىر يازغان ئىدىم، بۇ شېئىرلار توپلىمىغا مېنىڭ تۆت پارچە شېئىرىم كىرگۈزۈلۈپتۇ، مەن بەك خوش بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن شېئىر يېزىشنى توختىتىپ قويمايمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر