باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە بويىچە چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2016.02.04 17:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايون 3 - فېۋرال چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە بويىچە چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك مۇناسىۋىتى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ۋە گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق پىكىرلەشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ زالى ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى.

  شىنجاڭ ھەربىي رايونى، 21 - بازا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. كۆپچىلىك كۆرگەن - بىلگەنلىرى، ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىنجاڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە گۈزەل ۋە ئۇنتۇلغۇسىز چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بىز شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى زور نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈش قاتارلىق چوڭ - چوڭ خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى بىرلىكتە باشتىن كەچۈرۈپ، چەكسىز ئىپتىخارلاندۇق، ئىلھاملاندۇق. يېڭى بىر يىلدا بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ھەربىي تەلىم - تەربىيەنى، ئۇرۇش تەييارلىقىنى بوشاشتۇرماي، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق، «تەڭشىگۈچ»لۈك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىۋى خىزمەتتە نېمىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرسا، بىزمۇ قىسىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ ئىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، مۇھىت تېخىمۇ گۈزەللەشتى، بۇنىڭغا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەجرى سىڭگەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىمۇ بار. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينى ئۆز يۇرتىدەك بىلىپ، خەلقنى ئاتا - ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھىمايىسىگە ئېرىشتى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرى، قىسىمدىن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان، چېگرا مۇداپىئە 1 - سېپىنى ساقلاۋاتقان يولداشلارغا چاغانلىق بەخت تىلەيمەن ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2016 - يىلىدىكى تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچ ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ ھىمايە قىلىپ، ئۇنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىنى؛ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئومۇمىي نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانىدا ھەربىي تەلىم - تەربىيەنى چىڭىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، مۈشكۈل، خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىشنى قوللاشنى مۇھىم ئىش قاتارىغا قويۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىسىمنى غەمدىن خالاس قىلىشىنى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىسىم ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، جۇ خەيلۈن، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى، جۇ چاڭجيې، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر