باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمدا 85 ئادەم قازا قىلدى

2016.02.02 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1-يانۋار، نىگېرىيە بورنو شتاتى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خارۇنا مۇسەيرىنانىڭ تاراتقۇرلارغا دەلىللىشىچە، بۇ شىتاتنىڭ ئۈچ كەنتى 30-يانۋاردا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دىگەندىمۇ 85 ئادەم قازا قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

  خارۇنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 30-يانۋار كەچتە، بورنو ئوبلاستى مەيدۇغۇرى شەھەر چېتىغا جايلاشقان دارو، ۋارورىلار ۋە كۇافا ئۈچ كەنت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، تېرورچىلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، 300 نەچچە ئاھالىنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھەمدە كەنت ئاھالىسىنى تۇتقۇن قىلغان. بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە پىدائىيلار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا 85 جەسەت بايقىغان، يۈزدىن ئارتۇق يارىلانغانلار ھازىر بۇ ئوبلاستتىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ھەربىي تەرەپ بىلەن تېررورچىلار 4 سائەت كەسكىن جەڭ قىلىپ، يۇقىرىقى رايونلار ھازىر ئەسلىگە كەلگەن. ھازىرغا قەدەر، تېخى ھېچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر