باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2016.02.02 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ پۈتۈن تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كونا ئىنقىلابىي رايونلار، پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ يىلتىزى، كونا ئىنقىلابىي رايون ۋە كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چوڭ قۇربانلىق بەرگەن ۋە مۇھىم تۆھپە قوشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقى ۋە مەدىتى بىلەن، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، لېكىن تەبىئەت، تارىخ قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە قىسمەن كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى قالاق، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇشتەك زىددىيەتلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولماقتا. ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن بۇ پىكىر ئېلان قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر