باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ دېڭىز قىرغىقىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كوللېكتىپ سۇدا تۇنجۇقۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى

2016.02.02 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ساقچى تەرەپ 1-فېۋرال، ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى ماخاراشترادىكى بىر دېڭىز قىرغىقىدا شۇ كۈنى كوللېكتىپ سۇدا تۇنجۇقۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 20نەچچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى دولقۇن ئېلىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 10 كىشى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان، يەنە نەچچە كىشى يوقاپ كەتكەن.

  ۋەقە بومبايدىن 150 كېلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بىر دېڭىز قىرغىقىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ماخاراشترادىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ 120 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۇ يەردە ئارام ئالغان، 20 نەچچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېڭىز قىرغىقىدا سۇ ئۈزۈۋاتقاندا دولقۇن ئېلىپ كەتكەن، 4 ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇپ چىقىلغاندىن باشقا، ئاز دېگەندە 10 ئوقۇغۇچى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان، نەچچە كىشى يوقاپ كەتكەن.

  شۇ جايدىكى ساقچىلار ۋە دېڭىز قىرغاق مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرىتى يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى يىللىقتىكى كومپىيوتېر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر