باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بەشكېرەم كەنتىدىكى دېھقانلار خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بىلەن خوشلاشتى

2016.02.02 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى) 31-يانۋار، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى بەشكېرەم كەنتىدىكى دېھقانلار شىۋىرغانلىق قارغا قارىماي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن 2-تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن خوشلاشتى.

  60ياشقا كىرەي دەپ قالغان جاڭ يۈەن ئۇدا ئىككى يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۈچئۆستەڭ يېزىسى بەشكېرەم كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلدى، ھازىر ئۇ ھەر بىر دېھقاننىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ،ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىدۇ،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاساسى ئەھۋالىدىن خەۋەردار،ئۇنىڭ دېھقانلار بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا قىلغان سۆزىنى دېھقانلارنىڭ چاۋاك سادالىرى ئۈزۈپ قويدى، دېھقانلار ئۇنىڭ كەنت ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇزۇتۇپ قويغاندەك پۇل يىغىشىپ كىيىم سوۋغا قىلدى. ئۇ دېھقانلارنىڭ مىننەتدارلىقى مۇجەسسەملەنگەن كىيىمنى كىيىپ، قەلبى ئىللىقلىققا تولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۈچئۆستەڭ يېزىسى بەشكېرەم كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈەن: يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دېگەن گەپ بار، مەن بۇ يەردىن ئايرىلىش ئالدىدا مۇشۇنداق ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم، تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن، تەسىرلىنىش ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك دېسەم توغرا بولىدۇ، كىشىلىك ھاياتتا نۇرغۇن پۇرسەتلەر قولدىن كېتىپ كىشى ئەپسۇسلىنىدۇ، بىراق بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتناشقانلىقىمدىن پەخىرلەندىم، ئارمىنىم يوق، مەن مۇشۇ پۇرسەتنى تاللاپ، شۇنچە كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۇرۇق تۇغقاندەك بولۇپ قالدىم، ھەممەيلەن پۇقرالارنىڭ ئاددىي ساددىلىقىنى ھېس قىلدۇق، گەرچە بۇ ئىككى يىللىق كەنتكە چۈشۈش خىزمىتىم ئاخىرلىشىپ قايتىش ئالدىدا تۇرساممۇ بۇ خىل ھېسسىياتنى قەلبىمدە مەڭگۈ ساقلايمەن، بەشكېرەم مىنىڭ يۇرتۇم.

  دېھقان روزى ئەختەم بۇ يىل ئالتىنچى ئايدا نەچچە ئون يىللىق يۇقىرى قان بېسىمى، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىتىپ ساقايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنتالمايدۇ، ئۇ بىرەر نەرسە بىلەن جاۋاب قايتۇرالمىسىمۇ ئەڭ ئاددىي تىلى بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

  ئەتىگەندە دېھقانلار كەنت ھويلىسىغا كېلىپ،يەل-يېمىش، تۇخۇم قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يوللۇق تۇتۇشتى، ئۇلار بىلەن قىزغىن قۇچاقلاشتى،ئۇلارغا بەخت تىلەشتى،قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن 2-تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن بەشكېرەم كەنتىدىكىلەر چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، دېھقانلار دوپپا كىيدۈرۈش،رەھمەت خېتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا رەھمەت ئېيتتى،ئۇلارغا قىيالمىدى،

  كەنت شۇجىسى ئەھەت توختى: خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتىمىزگە كەلگەن بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى،ئۇلار كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەش جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى،كەنتىمىزدىكى دېھقانلار خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بولغان رەھمىتىنى ھەم ھېسسىياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايدۇ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمىز دېدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر