باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: «نىكاھلىنىش، ئاجرىشىشقا تىزىملاشتا بارماق ئىزى بىلەن ئىسپات بېرىش كېرەك» دېگەن خاتا چۈشەنچە

2016.02.03 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، «نىكاھلىنىش، ئاجرىشىشقا تىزىملاشتا بارماق ئىزى بىلەن ئىسپات بېرىش كېرەك» دېگەن مەسىلىگە جاۋاب قايتۇرغان، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «نىكاھقا تىزىملاش خىزمىتى ئۆلچىمى»دە، «ئىمزا قويۇش ۋە بارماق بېسىش»قا چېتىلىدىغان مەزمۇندىن يەتتىسى بار، لېكىن «بارماق ئىزى بىلەن ئىسپات بېرىش»قا ئالاقىدار مەزمۇن يوق. «ئۆلچەم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارماق ئىزى بېسىش، نىكاھقا تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرگەن كىشىنىڭ ئالاقىدار بايان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەدۋىلى قاتارلىق ماتېرىياللاردا ئىمزا قويۇپ ئالاقىدار ئىشلارنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بارماق ئىزى بېسىشىنى كۆرسىتىدۇ، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەردە بارماق ئىزىنى يىغىپ، ئۇنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۈنۈملۈك ئىسپاتنى ساقلاپ، ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن. بارماق ئىزى بىردىنبىر، مۇقىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، نىكاھقا تىزىملاتقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، «نىكاھقا تىزىملاش خىزمىتى ئۆلچىمى»گە يېڭىدىن بارماق ئىزى بېسىش تەلىپى قوشۇلدى، بۇ قانۇنىي قىلمىشنى يازما شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ھەرىكەت سۇبيېكتىنى پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىمزا قويۇش بىلەن بارماق ئىزى بېسىش بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، نىكاھقا تىزىملاشنىڭ كەسكىنلىكىنى قوغداپ، ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر